ئەلمۇراجىئات

ئەلمۇراجىئات
QRCode

(0 Votes)

ئەلمۇراجىئات

بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ- تائالاغا مەنسۇپتۇر، دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) گە، ئۇنىڭ پاك ئەھلى بەيتىگە ۋە ئۇنىڭ تاللانغان ساھابىلىرىگە بولسۇن! قۇلىڭىزدىكى بۇ «ئەلمۇراجىئات» ناملىق كىتاپ ئالدىنقى ئەسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئىككى ئۆلىمانىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆز- ئارا ئالماشتۇرۇلغان مۇنازىرە شەكلىدىكى مەكتۇپلارنىڭ توپلىمى بولۇپ، ئۇلار بولسا مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىنىڭ باش مۇپتىسى بولغان ئۇستاز ئىمام سەلىم ئەلبىشرى ۋە شىيئەلەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولغان ئىمام سەييىد ئابدۇل ھۈسەين شەرفۇددىن ئەلمۇسەۋى قاتارلىقلاردۇر. بۇلار ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار ۋە مۇنازىرلەر بولسا ئەھلى سۈننەت ۋە شىيئە مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپى مەسىللەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ ئەڭ مۇھىم بولغان ئىسلام تارىخىنى ۋە تەپەككۇر قىلىش تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار ئاللاھ- تائالانىڭ: ﴿سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر ۋە ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر ﴾ ، دىگەن سۆزىگە ئاساسەن ناھايتى مۇھىم ۋە ئىنىچكە مەسىللەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇتەئەسسىپلىكتىن ۋە ھاياجانلىنىشتىن يىراق ھالدا ناھايتى تىنىچ ۋە ماۋزۇلۇق ئىلمى روھ بىلەن تەتقىق قىلدى، بۇ بولسا مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا بولغان ئالاقىسىنى چۇڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشىلاشقان چاغدا ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىمايدىغان شەكىلدە ھەل قىلىش ئۈچۈن موھتاج بولىدىغان بىر خىل روھتۇر.

Related Titles


No dataNo Data